2018 – يىللىق 4 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3142   يوللانغان ۋاقتى: 2018-09-06 14:50:30

   يېڭى دەۋر ھەممىمىزگە مەنسۇپ! ھەممەيلەن يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، يول ئاچقۇچىسى ۋە بەرپا قىلغۇچىسىدۇر! يېڭى دەۋر ھەممىمىزگە يېڭى مۇۋەپپەققىيەتلەرنى سوۋغا قىلىپ، قەلبىمىزنى بەخت ۋە خۇشاللىق تۇيغۇلىرىغا چۆمدۈرمەكتە. ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇشۇنداق گۈزەل ھەم كۈرەشچان يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ!

  ژۇرنىلىمىزنىڭ 4 - سان مۇقاۋىسىغا شېزۇ مىللىتىدىن بولغان بەختىيار بىر جۈپ ياشنىڭ سۈرىتىنى بەردۇق. بىز بۇ سۈرەت ئارقىلىق كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىمىز، ئانا ۋەتىنىمىز جۇڭگو قوينىدا بەختىيار ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تەقدىم قىلدۇق...
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «شىنجاڭدا <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلماقتا» ناملىق سۈرەتلىك ماقالىنى ئېلان قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدۇق.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم  ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە» ناملىق سەھىپىدە «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى <شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقلىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى» ناملىق ماقالە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ما رۇڭ يازغان «جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان چوڭ ئائىلىدۇر»؛ لياڭ شياڭبىن، تۇ مىڭ، لىفاڭ يازغان «ھەم سىنتاش، ھەم چوڭ پىچ ___ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر»؛ ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزى يازغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى»؛ ژۇرنىلىمىز تەييارلىغان «تىرىشىپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئاپتونوم ناھىيە خاسلىقىغا ئىگە يېڭى دەۋر تەرەققىيات يولىدا ماڭايلى ___ مەملىكەت بويىچە ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئېچىلدى»؛ ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن ئەبەيدۇللا، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ھەسەنجان ئابلەت يازغان «تەكلىماكان بويىدىكى قىزىل گېن ___ چىرا ناھىيەسىدىكى <رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىزناكلىرى كۆرگەزمىخانىسى>، <مىننەتدارلىق خاتىرە سارىيى>، لوپ ناھىيەسىدىكى <ياشلار – ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى> ھەققىدە» قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇق.
  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سان ژۇرنالنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزى يازغان «قومۇل: قەلبلەردە كۆكلەپ چېچەكلىگەن مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقى» ناملىق ماقالە بىلەن «سۆھبەت» سەھىپىسىدە كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم غەيرەت يۇنۇسنى زىيارەت قىلىپ يازغان «قۇربان تۇلۇمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» ناملىق زىيارەت ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلانغان «نەزەر. ئۇيغۇرچە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» سەھىپىسىدە لى خۇڭليېنىڭ «<مىللەتلەر ئىتتىپاقى> ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىشى»؛ جاڭ رۇنىڭ «<مىللەتلەر ئىتتىپاقى> ژۇرنىلىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئەسلىمە»؛ شىن جى، ليۇ جىنسۇ، ياڭ رۇيفا، لى بىڭتەينىڭ «<مىللەتلەر ئىتتىپاقى> ژۇرنىلىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇساپىسى» قاتارلىق ماقالە ھەمدە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە تەھرىر بۆلۈمى تەييارلىغان «بىز مەردانە بېسىپ ئۆتكەن 30 يىل»؛ ئىمىن ئەھمىدى يازغان «دەسلەپكى مەقسەت، شانلىق مۇساپە»؛ ھەسەنجان ئابلەت يازغان «ھاياتىمنى نۇرلاندۇرغان مىللەتلەر خىزمىتى تەشۋىقاتى»؛ دىلشات ئىدرىس يازغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈل بېغىدا ئۆتكەن 13 يىلىم»؛ ئۆمەرجان سىدىق يازغان «ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ماقالە – ئەسەرلەر بىلەن خەلققە ئىلھام بېرىش» ناملىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق. 
  «سۈرەتلىك ئالبوم» سەھىپىسىدە لا مۇ يازغان «ئالتۇن توي ۋە مۇھەببەتكە باغلانغان ئائىلە خاتىرىسى»؛ «56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىدە ئاينۇر تۇماربېك يازغان «بىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا  سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار» ناملىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋا 3 – بېتىدىكى «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار مۇنبىرى» سەھىپىسىدە تاجىك سەنئەتكار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈكسەك شىجائەتنى تونۇشتۇردۇق. مۇقاۋىنىڭ 4 – بېتىدە «ئېۋېنكې ئاپتونوم خوشۇنى، مورىنداۋا داغۇر ئاپتونوم خوشۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەدەنىيەت – سەنئەت كۆرگەزمىسى» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەرنى ئېلان قىلدۇق.
  قەدىرلىك تورداشلار: ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى ماقالە – ئەسەرلەر مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر بىر بەتلىرىدە بولسۇن.
  ئالاھىدە تەۋسىيە: 
  مەيلى قەيەردە بولۇڭ، ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتىخانىغا بېرىپ ياكى تەھرىر بۆلۈمىمىزگە تېلېفون بېرىش ئارقىلىق مۇشتەرى بولسىڭىز بولىدۇ. ژۇرنىلىمىزغا 2019 - يىللىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ  مۇشتەرى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
  ژۇرنىلىمىزغا دۆلەت ئىچىدە پوچتا ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇش ۋاكالەت نومۇرى: 117 __ 58(新)
  ژۇرنىلىمىز قوش ئايلىق ژۇرنال بولۇپ، يىلدا ئالتە سان چىقىدۇ، يىللىق باھاسى: 48 يۈەن
  ژۇرنىلىمىزغا ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇشتەرى بولماقچى ياكى ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز، تېلېفونىمىز: 8530016 (0991)
  ئالاقىلەشكۈچى: ھەسەنجان ئابلەت