2018 – يىللىق 3 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1071   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-14 09:59:55

   كۆڭۈللەرنى شادلاندۇرغۇچى گۈزەل ياز پەسلىدە نەشردىن چىقىرىلىپ، ھۆرمەت بىلەن سوۋغا قىلىنغان بۇ سان ژۇرنال ئوقۇرمەنلەرگە ئىللىق تۇيغۇلارنى تەقدىم قىلماي قالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيە ياڭشيۇ بازىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە پۇرچاق شىرنىسى چىقارغانلىقى خاتىرىلەنگەن قىممەتلىك سۈرەتنى بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋا 1 - بېتىگە بەردۇق...

  بۇ سان ژۇرنالنىڭ «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدىن جەۋھەرلەر» دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
  «نەزەر» سەھىپىسىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يازغان «گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى ___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاغان ھارپىسىدا سىچۇەنگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق ماقالە بىلەن، ئۆز مۇخبىرىمىز جياڭ لىڭ يازغان «بوران – چاپقۇندىن كېيىن تېخىمۇ چىرايلىق تۈس ئالغان ماكان ___ <12 - ماي> ۋېنچۇەندە پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
  «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى دەۋر _ يېڭى نەتىجە _ يېڭى سەھىپە» ناملىق سەھىپىدە ئاۋۋال «شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساس دەپ تەكىتلىدى» ناملىق ماقالىنى؛ ئاندىن ئۆز مۇخبىرلىرىمىز نيۇ جىنەن ۋە شۈ شىن يازغان «ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە يۈرۈش قىلىپ، بىر نىيەتتە ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى ___ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېرنى زىيارەت» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
  «خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون  تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» ناملىق مەخسۇس سەھىپىدە ئۆز مۇخبىرلىرىمىز لى شياۋلىن، ليۇ يا بىلەن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۇ يەن يازغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى <خەينەننىڭ نام كارتىسى>نى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
  ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن ئەبەيدۇللا يازغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى بويىچە كەسپىي تايانچلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى»، ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزى يازغان «ئەل قەلبىنى سۆيۈندۈرگەن خىزمەت ئەترىتى ___ كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا پەيزاۋات كەنتىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن چۈشكەن <ئۈچ ئەل> خىزمەت ئەترىتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر [2]» ناملىق ماقالىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلدۇق.
  «سۆھبەت» سەھىپىسىدە ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزى چىرا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم شاۋكەت ياسىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ يازغان «<جەزبىدار چىرالىقلار> ماركىسىنى تېخىمۇ تونۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدۇق.
  «56 مىللەت بىر ئائىلە» ناملىق سەھىپىدە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ۋە ئىچكىرىدىكى ئالاىي مەكتەپتە ئوقۇغان قازاق قىز ئاينۇر تۇماربېكنىڭ ئەسلىمىسى ___ «خىلۋەتتىكى كىچىك بازار ___ ئىللىق خاتىرىلەر ۋە ئۆچمەس ئىزلار» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق. 
  «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىدە شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى، داڭلىق ئۆزبېك ناخشىچى شامىل شاكىرنى تونۇشتۇردۇق.
  «كۆزنەك» سەھىپىسىدە «يۈننەن ئۆلكىسىدىكى چۇشيۇڭ يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى»، «لاسادىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ»، «جۇڭگولۇق پۇتبولچى ئەزىمەتلەر چاغان بايرىمىنى ئىسپانىيەنىڭ بارىسلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزدى»، «پارلاق 30 يىل. گۈزەل يېڭى خەينەن» قاتارلىق سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇق.
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋا 2 – بېتىدە «شاد – خۇراملىق ئىچىدىكى جۇاڭزۇلارنىڭ <3 – مارت> بايرىمى» ماۋزۇلۇق سۈرەتلىك خەۋەرنى، مۇقاۋا 4 – بېتىدە «بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىدا لىزۇ مىللىتىنىڭ زەرباب رەختتىن تىكىلگەن كىيىمىنى كىيگەن مۇراسىم خادىملىرى» ناملىق سۈرەتنى، مۇقاۋا 3 – بېتىدە داڭلىق ئۆزبېك ناخشىچى شامىل شاكىرنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدۇق.
   بۇ ساندىكى بارلىق نادىر ماقالە ۋە نەپىس سۈرەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ھۇزۇر ئالاي دېسىڭىز، ژۇرنالنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ...