مەملىكەت بويىچە مىللىي ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەقمەيدان يىغىنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 105   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-08 10:51:28

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجۇ، 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى.  مەملىكەت بويىچە ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەقمەيدان يىغىنى 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېر يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.


  باتېر يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ» دىگەن قاراشنى چىڭ ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە قويۇپ، ئورتاق بېيىيدىغان، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئىناق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنەكلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ،  جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئاپتونوم ناھىيە ئەۋزەللىكىگە ئىگە يېڭى دەۋر تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. 
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا مەملىكەت بويىچە 120 ئاپتونوم ناھىيە (خوشۇن)نىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى ھەمدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش»نى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
  
  دىلشات ئىدرىس تەرجىمىسى