باتېر جېجياڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5078   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-07 14:37:02

   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتېر 5 – ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە جېجياڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدە مىللەتلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. باتېر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

  باتېر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇۋ، لىشۈي شەھەرلىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي، بېڭبۇ شەھەرلىرىدە ئالاقىدار كارخانا، يېزا - كەنت، مەھەللىلەر ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش، شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلاملاردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.
  باتېر ۋېنجۇ شەھىرىدىكى «جېڭتەي گۇرۇھى»، «كاڭنەي گۇرۇھى» ۋە خېفېي شەھىرىدىكى «مېيلىڭ گۇرۇھى» قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئاز سانلىق مىللەت تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىغا ئۆسۈپ – يېتىلىش ۋە ئالغا بېسىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
  
  
  باتېر ۋېنجۇۋ شەھىرىدىكى كاڭنەي گۇرۇھىنىڭ ئاياغ ياساش سېخىنى كۆزدىن كەچۈردى.
  
  باتېر لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ لىباۋ كەنتى ۋە ليەندۇ رايونىنىڭ لىشەن كەنتى، بېڭبۇ شەھىرى ۋۇخې ناھىيەسىنىڭ لىنبېي خۇيزۇلار يېزىسى قاتارلىق جايلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەنت - مەھەللىلەر قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپىنى ئېچىش، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ  كەسىپلەر باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يەرلىكتىكى كادىرلار ۋە يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئۇتۇپ چىقىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىگە ھەمدە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش شارائىتى يارىتىشىغا ئىلھام بەردى.
  باتېر خېفېي شەھىرىنىڭ لۇياڭ رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆچمە نوپۇسلى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پونكىتى ۋە بېڭبۇ شەھىرى لوڭزىخۇ رايونىنىڭ جيەنشىن مەھەللىسى، جۇڭخۇا قاشتېشى يەرمەنكىسى باغچىسى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە ئەنخۇيدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مەھەللىلەردىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت سودا - سېتىقچىلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىككە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش» ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يارىتىشنى تاپىلىدى.
  باتېر خېفېي شەھەرلىك 35 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسخانىلىرىغا، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشخانىلىرىغا كىرگەندە، شىزاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋە شىزاڭدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى سوراپ، بالىلارنىڭ ساغلام ھەم بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى. 
  
  
  باتېر خېفېي شەھەرلىك 35 - ئوتتۇرا مەكتەپتە شىزاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. 
  
  باتېر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جېجياڭ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەتلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى يۈگاڭ ۋە بەنگۇڭتىڭ، مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى، كادىرلار مەھكىمىسى، تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
  
  تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى