2018 – يىللىق 2 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 469   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-05 14:48:08

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «ئىتتىپاقلىق ___ كۈچ، ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئالغا باسقىلى بولىدۇ؛ پارچىلىنىپ كەتكەن دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئىشىنىمەنكى، 1 مىيارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇنداق ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىنى باشتىن - ئاخىر ئۇرغۇتىدىغانلا بولساق، چوقۇم باتۇرانە ئالغا باسىدىغان يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرەلەيمىز!» دەپ كۆرسەتتى. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا سىز ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزغا زور نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغان زور كۈچ ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلالايسىز...

   سىز بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىن يېڭى دەۋرگە ئاپىرىن ئېيتىۋاتقان ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، مۇقاۋىنىڭ 2 - بېتىدىكى «گۈزەل جۇڭگونى باغاشلاپ، بارچە مىللەت بىرلىكتە ئالغا باسايلى» سەھىپىسىدە 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ، مۇقاۋىنىڭ 4 - بېتىدىن بولسا «مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋرگە مەردانە قەدەم تاشلىدى» ماۋزۇ ئاستىدىكى 56 مىللەتنىڭ يارقىن ئوبرازىدىن زوقلانماي قالمايسىز...
   بۇ سان ژۇرنالنىڭ «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن ئۈزۈندى بەردۇق. 
   «نەزەر» سەھىپىسىدە «باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەنگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى» ماۋزۇلۇق بىر يۈرۈش سۈرەتلىك خەۋەرنى ئېلان قىلدۇق.
   «2018 - يىللىق <ئىككى يىغىن> ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر» سەھىپىسىدە، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا ئائىت بىر تۈركۈم سۈرەتلىك خەۋەر بىلەن «خەلق تورى»نىڭ مۇخبىرلىرىدىن ئارداق بىلەن خەن تىڭ يازغان «شىنجاڭدا مىللەتلەر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك ئۇيۇشماقتا، تۇرمۇش خۇددى ئالمىدەك تاتلىق بولماقتا»؛ «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرىدىن شىن شىن، ياۋ تۇڭ، لى ياڭ يازغان «يېڭى دەۋردە ھەممىدە غەلىبە قازىنىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك ___ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىدىن خاتىرە» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
   «ئالاھىدە ماقالە» سەھىپىسىدە، ۋاڭ جىنمېينىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېرنى زىيارەت قىلىپ يازغان «چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ گۈزەللىكتىن ۋە تەرەققىياتتىن قوش نەپكە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
   «مەخسۇس ماقالە. يېڭى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكى» سەھىپىسىدە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ سۈييىڭ يازغان «يېڭى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتايلى ___ يېڭى دەۋردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك خىزمىتى ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالە بىلەن ژۇرنىلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى داۋاملاشماقتا» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ تۇڭ يازغان «بارغانسېرى چىڭىغان تۇغقاندارچىلىق رىشتىسى» ناملىق ماقالە بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغۇچىسى ليۇ يى يازغان «مېنىڭ تۇخان ھەدەم» ناملىق ماقالىنى ھەمدە ئۆز مۇخبىرىمىز مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «قومۇلدا ئىناقلىق ۋە بەختىيارلىق ___ قومۇل شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدا ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىش تەييارلىق خىزمىتىدىن خاتىرىلەر» ۋە «ئەل قەلبىنى سۆيۈندۈرگەن خىزمەت ئەترىتى ___ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى پەيزاۋات كەنتىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارتىىدىن چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر (1)»؛ ئۆز مۇخبىرىمىز لياڭ لى يازغان «<مەن شىنجاڭدىن كەلدىم>دىن <مەن شىنجاڭغا باردىم>غىچە» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.
   «مىللەت ۋە قانۇن» سەھىپىسىدە، 2017 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 176 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان، 2018 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇش ھەققىدە زۇڭلى لى كېچياڭ 2017 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26- كۈنى ئىمزا قويغان «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئېلان قىلدۇق.
    بۇ سان ژۇرنالنىڭ «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە، شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتى تەدبىقىي ئىقتىسادشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى سۇلايمان ئىسلامنى تونۇشتۇردۇق.
   بۇ ژۇرنالدىكى ماقالىلەردىن تولۇق خەۋەردار بولاي دېسىڭىز، ژۇرنال بەتلىرىنى ۋاراقلاپ چىققايسىز...