2018 – يىللىق 1 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1368   يوللانغان ۋاقتى: 2018-04-11 14:21:12

   يېڭى بىر يىلنىڭ باھار پەسلى كېلەي دەپ قالغاندا، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2018 - يىللىق 1 - سانى نەشردىن چىقتى. بۇ سان ژۇرنال ئوقۇرمەنلەرگە باھارنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزگىچە سالاپەت بىلەن ئوقۇرمەنلەر كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. ژۇرنال مۇقاۋىسىدىكى زاڭزۇ قىزچاقنىڭ چېھرىدىكى ئىللىق تەبەسسۇم يېڭى دەۋرنىڭ ئىلھامىدا تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېھرىدىكى بەخت تەبەسسۇمىغا سىمۋول بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە خۇشاللىق ھەم بەخت تۇيغۇسى بەرمەي قالمايدۇ... 

    بۇ سان ژۇرنالنىڭ 1 - بەت «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 - قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات»تىن ئۈزۈندى بېرىلدى.

    «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىگە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شى جىنپىڭ شىزاڭلىق چارۋىچى ئاممىغا جاۋاب خەت يازدى. ئۇلارنى قارلىق چېگرادا كېسان گۈلىگە ئوخشاش يىلتىز تارتىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بەختلىك يۇرت - ماكاننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى» ۋە «شى جىنپىڭ ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئۇلان مۇچىر ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى» ناملىق ماقالىسىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇردۇق.

    «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىدە يەنە «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2017 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدۇق.

   «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نەنجيەن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ روڭشۈي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەندۇڭنەن مياۋزۇ - دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنلۇڭ ناھىيەسى قاتارلىق بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېڭىلىقلاردىن «يۈننەن. قىشتىكى نورۇز گۈلى» قاتارلىق بىر تۈركۈم يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك خەۋەرنى ئېلان قىلدۇق.

   «پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى» سەھىپىسىدە «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى»، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى»، «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى بېيجىڭدا ئېچىلدى» ناملىق خەۋەرلەر بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش - مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى ئەزاسى خاۋ شىيۈەننىڭ «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىشى»، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەدبىر بەلگىلەش - مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى ئەزاسى نارى بىلىگنىڭ «نى تونۇش توغرىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر»، مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «مىللەتلەر خىزمىتى تەشۋىقاتىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

    «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» سەھىپىسىدە ئۆز مۇخبىرلىرىمىز ليۇ يا، گۈلىستان ياسىننىڭ «ئارزۇلار ئالدىمىزدا، يول قەدەملىرىمىز ئاستىدا ___ 2017 - يىللىق مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر زىيارەت ئۆمىكى ھەققىدە خاتىرە»، ئۆز مۇخبىرىمىز لا مۇنىڭ «كىچىك ئۆگىنىش كۇرسى چوڭ رول ئوينىماقتا ___ شىنجاڭدىن بېيجىڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، سىياسەت ئۆگىنىش كۇرسىدىن خاتىرىلەر»، ئۆز مۇخبىرىمىز ليۇ شيەننىڭ «قاراقۇرۇم تېغىدا مۇنداق بىر چارۋىچىلىق مەيدانى بار ___ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 14 - شى چارۋىچىلىق 1 - مەيدانىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئاساس سېلىش پائالىيىتىدىن خاتىرىلەر» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

   «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا» سەھىپىسىدە «قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرلىق - ئالاقىچىلىك مەركىزىدىن ئابدۇشۈكۈر راشىدىننىڭ «گۈزەل ھويلا - ئاران بەرپا قىلىش تېرىملىقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى ___ قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيە تېرىم يېزىسىنىڭ دېھقانلارنى گۈزەل ھويلا - ئاران بەرپا قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىدىن خاتىرىلەر» ناملىق ئاخبارات ئوچېرىكىنى ئېلان قىلدۇق.

    «سۈرەتلىك ئالبوم» سەھىپىسىدە ئۆز مۇخبىرلىرىمىز لى شياۋلىن ۋە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «قىش پەسلىدىكى ئۈرۈمچى كىتابخانىلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدۇق.

   «تۆھپىكارلار» سەھىپىسىدە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئەكبەر قادىرنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى ھەبىبۇللا خوجا ھەققىدە يازغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى خىزمىتىدىكى تۆھپىكار»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇخبىرى ئالىيە ئەخمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسورى يۇلتۇز قېيۇم ھەققىدە يازغان «ھايات رېتسېپى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

    «مىللەتلەر باغچىسى» سەھىپىسىدە لو خۇەيشۆنىڭ «ئىلگىرىكى بۇلاڭشەن تېغى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇق.

   «بىز ئۇچراشقان كىشىلەر. ژۇرنىلى تۆھپىكارلار ئالبومى» سەھىپىسىدە ئاتاقلىق كومپوزىتور، دىرىژور نۇسرەت ۋاجىدىننى تونۇشتۇردۇق.

   ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ 2 - بېتىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) 2018 - يىللىق خىزمىتى بويىچە كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەنلەرگە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى» ناملىق سۈرەتلىك خەۋەرنى،   4 - بېتىدە ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن كارتىنىلاردىن «گۈزەل جۇڭگونى باغاشلاپ، بارچە مىللەت بىرلىكتە ئالغا باسايلى» ناملىق يۈرۈشلۈك سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدۇق.

    بۇ سان ژۇرنالدىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەردار بولاي دېسىڭىز، ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ چىقىڭ.

   ناۋادا پوچتىدىن مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتىخانىغا بېرىپ، مۇنۇ ۋاكالەت نومۇرىنى دەپ مۇشتەرى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز:

117  __ 58 (新)