ﺷﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﺷﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە، «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﺪا ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻳﻮق» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪش ﻛﯧﺮەك، دەپ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2548   يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:43:45

 ﺷﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﺷﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە، «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﺪا ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻳﻮق» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪش ﻛﯧﺮەك، دەپ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪى

  
  «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺧﻪۋﯨﺮى: 13 - ﻣﺎي ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ج ك پ ﺷﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﺷﻪﻧﺸﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ۋە ﺗﯩﺠﺎرەت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻰ. 
  ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن 30 ﻧﻪﭘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺳﯚﮬﺒﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﺎ، ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎۋۇت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻮﻗﻘﯘز ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﺳﯚز ﻗﯩﻠﯩﭗ، زوراۋاﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯧﺮرورﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرۇپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ۋە ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ ﮬﻪم ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈردى. ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎچ، ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﺎﻟﺪۇردى ﮬﻪﻣﺪە ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﯚز ﻗﯩﺴﺘﯘردى، ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ پاراڭلاشتى..
  ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﺳﯚﮬﺒﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﻛﯚرﺳﻪﺗﺘﻰ: ﺑﺎش ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرﮔﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﯚزى ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪا ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺋﯩﺰﭼﯩﻠلاﺷﺘﯘرۇﺷﯩﻐﺎ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻣﺎس ﻗﻪدەﻣﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯜرﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪردى. ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﻣﺎقلار، ﺋﻮرۇنلار ﺳﯚزﻧﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ؛ «ﺧﻪﻧﺰۇلار ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮىلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺧﻪﻧﺰۇلاردﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨىلمايدۇ ، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻣﯘ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﻰ زور ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜرۈﺷﻰ؛ ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻰ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪت ۋە ﻧﯩﺸﺎن ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
  ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى: ﺷﻪﻧﺸﻰ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراقلاﺷﻘﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ راﻳﻮن، ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻛﻪڭ ﻗﻮرﺳﺎق ﺑﻮﻟﯘش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎر. ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜزۈﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷلارﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻛﯩﺸﻰ ﺷﻪﻧﺸﯩﺪە ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪپ، ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪۈردى. ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﻣﺎقلار «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﺪا ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻳﻮق» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ؛ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚرپ - ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯘلازﯨﻤﻪت ۋە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﻰ؛ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘزﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ دەﺧﻠﻰ - ﺗﻪرۇز ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
  ﺟﺎۋ ﺟﯧﯖﻴﯘڭ ﻣﯘﻧﯘلارﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪى: ﺷﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﭘﺎﺋﺎل ﺗﯜردە ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗﻰ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗلارﻧﯩﯔ روﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ، ﺋﯘزاق ﻣﯘددەت ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘس، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘلازﯨﻤﻪت ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈش، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺷﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاشلارﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﻳﺎﺷﺎش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
  «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»دﯨﻦ ﭘﻮلات ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ